Uyghur ( Uighur) Xewer (Uyghurche)
ئۇيغۇر
- غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىلدى
غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىلدى. تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە، رادئىئو ۋە گېزىت - جۇرناللىرىمنىڭ مۇخلىسلىرى، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. - 5 - فېۋرال غۇلجا ياشلىرى نامايىشىنىڭ 15يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
بۇندىن 15يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىز زوراۋانلىقلىرىغا قارىتا ئادالەت تەلەپ قىلىپ، تىنچ ھالەتتە نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشنى قاتتىق باستۇرۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلغان. - رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ب د ت نىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى قارارىغا قارشى چىقىشى نارازىلىق قوزغىدى
شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بدت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقى ۋاسىتىسى قوللىنىپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرغانلىقىغا نىسبەتەن ئەيىبلەش قارارىنى قوبۇل قىلىشىغا رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلىكتە قارشى ئاۋاز بەردى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى لىۋىيىدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. - ۋۇكەندىكى سايلامدىن كېيىن خىتاي باش مىنىستىرى گۇئاڭدوڭنى زىيارەت قىلدى
1 - فېۋرال كۈنى خىتاي يېزىلىرىدىكى تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك سايلام گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىگە تەۋە ۋۇكەن يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنى زىيارەت قىلدى. - كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. - نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى ئىچكىرىگە ماڭدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 3 - فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا ئائىت بىر سۆھبەت يىغىنىدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ “شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى شەرققە يەتكۈزۈش ” قۇرۇلۇش لايىھىسىنىڭ قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىشنى تەكىتلىگەن. - يەنە ئۈچ تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ، تىبەتلەرگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى
رادىئومىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3 - فەۋرال كۈنى سىچۇئەننىڭ گەنزى رايونىنىڭ سېدا ناھىيىسىدە تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ھەرىكىتى يەنە ئۈچ راھىبنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشى بىلەن ئىپادىلەندى. - نورۋېگىيەدە «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۈگۈن پايتەخت ئوسلودا 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 - يىللىغىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىش تۆت پەسىل ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان كارىل جوھان كوچىسى بىلەن نوبېل تىنچلىق سارىيىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئېلىپ بېرىلدى. - دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5 - فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىق خاتىرىلىدى
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن 1997 - يىلى غۇلجادا يۈز بەرگەن «5 - فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىق خاتىرىلىدى. - 4 - فېۋرال خىتاي دائىرىلىرى تىبەت رايونلىرىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
4 - فېۋرال خىتاي دائىرىلىرى تىبەت رايونلىرىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى تىبەتلەر نامايىش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى تىبەت نامايىشچىلارنىڭ ساقچى بىناسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، نەتىجىدە ئىككى تىبەتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. - جون مېككېيىن ميۇنخېندا خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا «ئەرەب باھارى» خىتايغا كەلمەكتە، دېدى
ميۇنخېندا ئالىي دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋام پالاتائەزاسى جون مېككېيىن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭجىجۈنغا «ئەرەب باھارى» خىتايغا كەلمەكتە، دېگەن ۋە ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان تىبەتلەر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. - رۇسىيەلىكلەر پۇتىنغا قارىشى نامايىش قىلدى
شەنبە كۈنى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان رۇسىيەلىك موسكۋادا نامايىش قىلىپ، نۆۋەتتىكى رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن دەۋرىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. - «5 - فېۋرال ۋەقەسى»نىڭ 15 يىللىقىغا ئاتالغان ئەسەرلەر
بۈگۈنكى سەھىپىمىزنى بۇندىن 15 يىل بۇرۇن ئىلى ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن «5 - فېۋرال ۋەقەسى»سىزگە ئاتاپ ئىشلىدۇق. شۇڭا ئالدى بىلەن مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن چەكلەنگەن ئەسەرلەر سەھىپىمىزدە، سۆيۈنگۈل جانىشىف يازغان: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. - كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن (23 - ۋە 29 - ئاپرېل)
ئەتىگەن تۇرۇپ يۈز –كۆزۈمنى يۇيۇپ،چاچلىرىمنى تاراپ كۈندىكىدىنمۇ روھلۇق بولۇپ،ئىشلىرىمنى تۈگەتتىم. دەرىزىگە چاپلىۋەتكەن گېزىتلەرنىڭ ھەممىسىنى يىرتىپ ئېلىۋېتىپ دەرىزىنى ئېچىۋەتتىم. - ۋاشىنگتوندا 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ھەر يىلى 5 - فېۋرال كۈنى ۋە ياكى 5 - فېۋرالنىڭ ئالدى - كەينىدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇقىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلدى.